ئىتالىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننى رىمغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگى (Mario Draghi) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1705037
ئىتالىيە باش مىنىستىرى ئەردوغاننى رىمغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، ناتو ئىتتىپاقدىشى ئىتالىيەدىن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە بەرگەن ئەھمىيىتىگە ئۇيغۇن جاۋاب كۆرۈشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىتالىيەنىڭ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ۋە ئەزالىق مۇساپىسىگە قارىتىلغان پىرىنسىپاللىق قوللىشىنىڭ كۈچلۈك شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تاموژنا بىرلەشمىسىنى يېڭىلاش مۇزاكىرەلىرىنى بالدۇرراق ۋە شەرتسىز باشلاشنىڭ، ھەممىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، 18-مارت كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىمۇ بىر پۈتۈن ھالدا يېڭىلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئافغانىستان تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلەتتە يېڭى ۋەزىيەتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تالىبان بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى؛ ئۇنداق بولمىغاندا، «ئاللىبۇرۇن يۇقىرى پەللىگە چىققان» كۆچ بېسىمىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لىۋىيەدىكى سايلامنىڭ ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، لىۋىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىملىرى ئاساسىدا قانۇنلۇق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆكتەبىردە ئۆز دۆلىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رىمدا ئۆتكۈزۈلىدىغان G-20 رەھبەرلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر