ئىراقنىڭ شىمالىي ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورىستلارغا زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك غا ئەزا ئۈچ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

1705278
ئىراقنىڭ شىمالىي ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورىستلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،مەتىنادا پەنجە-گۈلدۈرما ھەرىكتىدىكى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا قارشى ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان پ ك ك|ك ج ك غا ئەزا ئۈچ تېررورىست بايقالغان.

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈنكى (2021-يىلى 8-سېنتەبىر) ھەرىكىتىدە، ئۈچ تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىمۇ پ ك ك غا ئەزا ئالتە تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «تېررورلۇقنى مەنبەسىدە يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى رايونىدا ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان پ ك ك|ي پ گ تېررورىستلىرى قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكىتىدە تارمار قىلىندى» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر