ئەردوغان: تۈركىيە قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشتە يالغۇز تاشلاپ قويۇلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيە سۈرىيەنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى پەۋقۇلئاددە كۈرەشتە يالغۇز تاشلاپ قويۇلدى» دېدى.

1705416
ئەردوغان: تۈركىيە قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشتە يالغۇز تاشلاپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان توققۇز ئەيلۈل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن باشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ  ئورۇنلاشتۇرغان ئاراللار دېڭىزى ۋە گىرېتسىيە بىلەن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما يوللاپ: ««ئەگە دېڭىزى ھەمكارلىق ۋە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، بەختكە قارشى، يېقىنقى يىللاردا ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلدى. تەخمىنەن 11 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ كەلگەن مىڭلارچە كۆچمەن، ئەگە دېڭىزىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. مۇساپىرلارنى ئۆز زېمىنلىرىدا بىخەتەر ۋە خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىش قەدەملىرىنىڭ ھېچبىرى تاشلانمىدى. سۈرىيەلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا يېپىلغان ئىشىكلەرنىڭ دۆلىتىمىزدە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ، 251 پۇقرامىزنىڭ قېنىنى تۆككەن فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتى) جىنايەتچىلىرىگە ئاداققىچە ئېچىلىشى ئىنسانىيەتنى ئىنسانىيەتنى خىجىل قىلىدىغان بىر ئىش» دېدى.

ئەردوغان، گىرېتسىيەنىڭ بۇ كارتىنا ئالدىدا تۈركىيەنىڭ ياخشى نىيەتلىك تىرىشچانلىقىغا تۆھپە قوشۇشنىڭ ئورنىغا، ئاشۇرۇپ تەلەپ قويۇش سىياسىتىنى تېزلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مۇساپىرلار كىرىزىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك بولسىمۇ، بۇ تارىخىي پۇرسەت گىرېتسىيەنىڭ مۇرەسسە قىلماسلىق پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن نابۇت قىلىندى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ  بۈگۈنمۇ ئەگە دېڭىزىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش جىددىيلىك ۋە توقۇنۇشنىڭ ئەمەس، بەلكى دوستلۇق بىلەن ئەسكە ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بۇ چۈشەنچە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر جىددىيلىكنى كۈچەيتىدىغان تەرەپ بولماسلىققا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دېڭىز تەۋەلىكى سالاھىيەت دائىرىلىرى، ئاراللارنىڭ غەيرىي ئەسكىرىي سالاھىيىتىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشى ۋە ناۋتېكس (ماتروسلارغا ئۇقتۇرۇش) ئېلانلىرى قاتارلىق قوشنا گرېتسىيەنىڭ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرگەن قەدەملىرىگە قارىتا ھەردائىم تەمكىن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكلىرىنى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقلىرىنى خاتىرىتىلىپ ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز قوشنىمىز گىرېتسىيەنىڭ ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىنى، <قىلىۋالدىم>لار ۋە بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن گىرېتسىيە بىلەن ھەققانىيەت، ئادالەت ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان، قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىنى نەزدە تۇتقان ھالدا مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر