تۈركىيە-مىسىر سۆھبىتى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدىكى ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق تۈركىيە-مىسىر سۆھبىتى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى.

1704983
تۈركىيە-مىسىر سۆھبىتى ئەنقەرەدە ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىككىنچى قېتىملىق تۈركىيە-مىسىر سۆھبىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، سۆھبەتنىڭ 8-7-سېنتەبىر (2021) كۈنلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال بىلەن مىسىر مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھەمدى لوزا باشچىلىقىدىكى ھەيئەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، لىۋىيە، سۈرىيە، ئىراق، پەلەستىن ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«تەرەپلەر مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش ۋە مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەدەم بېسىش ئارزۇسىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە داۋاملىق كېڭىشىشكە قوشۇلدى.»

 

ئىككى كۈن داۋاملاشقان تۈركىيە-مىسىر ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك سۆھبەت 6-ماي (2021) قاھىرەدە ئاخىرلاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر