فۇئات ئوقتاي رۇم دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى.

1705025
فۇئات ئوقتاي رۇم دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ، بىر دەرسلىك كىتابىدىكى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بايان قىلىنغان بەتنىڭ يىرتىۋېتىلىشى توغرىسىدىكى يوليورۇقىنى ئەيىبلىدى.

فۇئات ئوقتاي تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرى ئەمەلدارلىرىغا «ئۆتمۈش يەلكىسىگە يۈكلىگەن تارىخىي مىراسنى دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ بەتلىرىنى يىرتىش ئارقىلىق ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولمايدىغانلىقى»نى ئەسلەتكەن ھالدا: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈرككە ۋە ئۇ ئارقىلىق خەلقىمىزگە قىلىنغان بۇ ھۆرمەتسىزلىك، ئاساسلىقى رۇملارنىڭ ئارالدىكى تۈرك مەۋجۇدىيىتىنى قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى. ئەيىبلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر