ئەردوغان گراندىنى قوبۇل قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندىنى قوبۇل قىلىدۇ.

1704441
ئەردوغان گراندىنى قوبۇل قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە كۆرۈشۈپ، ئافغانىستاندا باش كۆتۈرگەن مۇساپىرلار مەسىلىسى، ھەمدە رايوندىكى كۆچمەنلىك ۋە مۇساپىرلار مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىمۇ گراندىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن سىرت شانلىئۇرفا ۋە غازىئانتەپتىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر