سۇلايمان سويلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ھەيئەتى بىلەن كۆرۈشتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭەيتىش ئىشلىرى كومىسسارى ئولىۋېر ۋارخېلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

1703796
سۇلايمان سويلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ھەيئەتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە بىخەتەرلىك ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزى (GAMER) دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ ئولىۋېر ۋارخېلىغا بىخەتەرلىك ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى ۋە مەركەز ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

زىيارەت جەريانىدا ، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى، كۆچمەنلەر، چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە ئافغانىستاندىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆچمەنلەر بېسىمى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئۇچرىشىشقا مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇختەرەم ئىنجە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى نىكولاس مېيىر-لاندرۇتمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر