چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1703960
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «كابۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ مەشغۇلاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە قاتار ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى باسقۇچلۇق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ كابۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ مەشغۇلاتى توغرىسىدا قاتار ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ: «ئايرودۇرۇم نۆۋەتتە بەزى تېخنىكىلىق ئايروپىلان سەپەرلىرى ياكى ئىنسانپەرۋەر ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بارغان ئايروپىلانلارغا ئېچىلدى. بىر قانچە دۆلەت ئىچى يولۇچىلار ئايروپىلانى سەپىرىمۇ باشلاندى. تارقاقلاشتۇرۇلۇشى كېرەك بولغان كىشىلەر بار. بىز قايتىپ كېلىشنى خالىغان پۇقرالىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلدۇق؛ 1400 دىن ئارتۇق ئادەمنى تارقاقلاشتۇردۇق» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ تالىباننى ئېتىراپ قىلىپ – قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «بۇ مەسىلىدە ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك، پۈتكۈل دۇنياغا بۇنى تەۋسىيە قىلىمىز. سىغدۇرۇشچان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى؛ ئۇ ھۆكۈمەت پەقەت تالىباننىلا ئەمەس، بارلىق قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىم. ئاياللارنىڭمۇ ۋەكىللىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شارائىت ۋە ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ھەرىكەت قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئافغانىستاندا بۈگۈنگىچە ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي بۇرچىمىزنى باشقا بارلىق تەرەپلەردىن كۆپ ئورۇندىدۇق» دېگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھەممە شۇنى قوبۇل قىلىدۇكى، تۈركىيە بۈگۈنگىچە يەلكىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن يۈكىنى كۆتۈرەلمەيمىز. ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆچمەنلىك مەسىلىسىدە ئىنسانىي پوزىتسىيەدە بولۇۋاتىمىز، ئەمما بۇ بىر خەلقئارالىق مەسىلە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر