ئەردوغان يېڭى ئوقۇ - ئوقۇتۇش يىلىنى باشلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «يۇقۇم پەيدا قىلغان قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مائارىپنى دۆلەت مىقياسىدا توختىتىپ قويمىغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ بىرى بولدۇق» دېدى.

1703274
ئەردوغان يېڭى ئوقۇ - ئوقۇتۇش يىلىنى باشلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل سۇلتانئەھمەت كەسپىي تېخنىكا ئانادولۇ تولۇق مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2021 – 2022 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىنى باشلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى ۋە مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «2021 – 2022 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، ئاتا – ئانىلار، مائارىپ ساھەيىمىز ۋە دۆلىتىمىزگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يۈزتۇرانە مائارىپنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ۋاكسىنا ئەملىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ۋاكسىنا ئەملەشتە جەمئىي ۋاكسىنا قۇتا سانى 100 مىليونغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە... مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىدا قۇرۇلغان دىگىتال ئۇل ئەسلىھە بىلەن مەكتەپلىرىمىزدىكى جەريانلارنى، كېسەللىكنىڭ يۆنىلىشىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتىمىز، كۆزىتىمىز. يۈز تۇرانە مائارىپنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.

خەلقنى ۋاكسىنا ئەملىتىشكە چاقىرغان ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «نۆۋىتى كەلگەن بارلىق پۇقرالارنى، ئەڭ باشتا مائارىپ ساھەسى خادىملىرىمىز ۋە ئاتا – ئانىلارنى ۋاكسىنا ئەملىتىشكە چاقىرىمەن. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كوللېكتىپ ۋاكسىنا ئەملەشتە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، بۇ مەنزىرە دۆلىتىمىز ئۈچۈن زور ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوقۇغۇچىلىرىمىز، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، ئاتا – ئانىلىرىمىز باشتا بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرگە رىئايە قىلىشىغا باغلىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر