مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان بېسىمغا نارازىلىق بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ غەربىي تراكيادا گىرېتسىيەنىڭ تۈركلەر تەرىپىدىن سايلانغان مۇپتىلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان بەلگىلىمە ۋە بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

1702683
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ غەربىي تراكيا تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان بېسىمغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ھېسابىدا، غەربىي تراكيا تۈرك ئاز سانلىقلار مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ۋە گۈمۈلجىنەنىڭ  سايلانغان مۇپتىسى ئىبراھىم شەرىپنىڭ: « 5 يىل ئىلگىرى ئالانكۇيۇلىك قېرىنداشلىرىمىز تەشكىللىگەن ئاممىۋى خەتنە قىلىش مەۋلىدىگە قاتناشقانلىقىمىز <مەنسەپ ئېگىلىۋىلىش> دەپ قوبۇل قىلىنىپ،. 7-ئۆكتەبىردە، سەلانىك بىدايەت سوت مەھكىمىسىگە چاقىرىلدۇق، ئاللاھ ياردەمچىمىز بولسۇن» دېگەن يازمىسىنى ھەمبەھىرلىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ غەربىي تراكيادا تۈركلەر تەرىپىدىن سايلانغان مۇپتىلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان بەلگىلىمە ۋە بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى (1923) دىن كېلىپ چىققان ھەق- ھوقۇقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكلىرىنىڭ قوغدىلىنىشى جەھەتتە ئىرقداش -قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز » دېگەن سۆزلىرى بىلەن نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر