ئەردوغان: تۈركىيەنى مائارىپ ساھەسىدىمۇ قۇدرەت تاپقۇزدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا مائارىپ ساھەسىدىمۇ كەمچىل تەرەپلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇقلاپ، قۇدرەت تاپقۇزغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1701965
ئەردوغان: تۈركىيەنى مائارىپ ساھەسىدىمۇ قۇدرەت تاپقۇزدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى خەلىج يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2021 – يىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش مۇراسىمى» دا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا مائارىپ ساھەسىدىمۇ كەمچىل تەرەپلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇقلاپ، قۇدرەت تاپقۇزدۇق، جۈملىدىن، بىز مائارىپنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويدۇق، ياۋروپادا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىزمەتتە بېسىم ھېس قىلىدۇ، ئەمما بۇ نىسبەت تۈركىيەدە% 20 ئەتراپىدا، تۈركىيەدە ئوقۇتقۇچىلار بېسىمنى ئەڭ ئاز باشتىن كەچۈرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىدۇ كېلىدۇ، زامانننىڭ تەلىپىگە لايىق رەۋتىشتە ھەر جەھەتتىن مەلۇماتلىق ۋە ئىقتىدارلىق يېتىلگەن ئادەم كۈچى بايلىقىمىزنى، ئىقتىسادىمىز، جەمئىيىتىمىز ۋە دېموكراتىيەمىزنىڭ پاراۋوزى، دەپ قارايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر