ئەردوغان  مىرزىيويېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1701164
ئەردوغان  مىرزىيويېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 30 – يىللىقىنىمۇ تەبرىكلىگەن.

تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان ۋە تاشكەنتە ئەلچىخانا ئاچقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يىل يەنە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەبەدىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 – يىللىقى ئىكەنلىكىنىمۇ قەيت قىلغان، شۇنداقلا، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن ئورناتقان سەمىمىي دوستلۇق ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىغا ئاساسەن ئورنىتىلغان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە چوڭقۇرلاشقانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر