ئەردوغان مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشكەنلەرنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2020-يىللىق توكيو مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشكەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى.

1699100
ئەردوغان مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشكەنلەرنى تەبرىكلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىس مېدالغا ئېرىشكەن ئەلى ئۆزتۈرك، نەسىم تۇران ۋە كۇبرا كوركۇت بىلەن ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا تۇرۇۋاتقان ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم كاساپئوغلۇ ئارقىلىق تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان مىس مېدالغا ئېرىشكەن، ئەمما تېلفون سۆھبىتى جەريانىدا ئۇ يەردە بولمىغان باشقا تەنھەرىكەتچىلەردىن رەجەپ چىفتچى، زەينەپ چېلىك ۋە بەسرا دۇمانغا سالام ئېيتىپ، «سىلەرنى تەبرىكلەيمەن، سىزلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىلار بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى» دېدى.

تەنھەرىكەتچىلەرمۇ ئەردوغاننىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر