مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ۋە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئافغانىستاننىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1699154
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ۋە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە ئافغانىستاندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو بىلەنمۇ تېلېفونلىشىپ، ئافغانىستاننىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرەىلەشكەن.

 15- ئاۋغۇستتا پايتەخت كابۇلنى قورشاۋغا ئالغان تالىبان، پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنى دۆلەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تتوقۇنۇشمايلا پايتەختنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر