جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاراتاغدا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن قاراتاغقا يېتىپ باردى.

1698888
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاراتاغدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى زىيارىتىدىن تاماملىغاندىن كېيىن، بۈگۈن قاراتاغقا قاراپ يولغا چىققان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى، پودگورىتسا ئايرودۇرۇمىدا، قاراتاغ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىرىتان ئابازوۋىچ،  قاراتاغنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېرىسا كاستراتوۋىچ، دۆلەتلىك رەسمىيەت ئىشلىرى مەسئۇلى سىمون پائونىچ، قاراتاغ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى مىئودراگ رادوۋىچ ۋە تۈركىيەنىڭ پودگورىكا باش ئەلچىسى سونگۈل ئوزان ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى قارشى ئالدى.

قاراتاغ پىرېزىدېنتى مىلو جۇكانوۋىچنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتتە، ئەردوغانغا، رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلار ھەمراھ بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر