ئەردوغان: تۈركىيە نۇرغۇن ساھەدە ساناقلىق دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەدە دۇنيا بويىچە ساناقلىق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1696515
ئەردوغان: تۈركىيە نۇرغۇن ساھەدە ساناقلىق دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان  پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك مەسئۇللىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «قىزىل رەقەمنى 2019-يىلى ئېشىنچا ھالەتكە ئايلاندۇردۇق، پات يېقىندا ئوخشاش ئەھۋالنى كۆرىمىز، مەركەز بانكىمىزنىڭ زاپىسى نۆۋەتتە 109 مىليارد دوللار سەۋىيەسىدە بولۇپ، باسقۇچى تاماملانغان سودا ئىشلىرى ئارقىلىق ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە 115 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەرلىك ئاپتوموبىلىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، خۇدايىم بۇيرىسا، 2023 – يىلى ئۆزىمىزنىڭ ئاپتوموبىلىمىزنى يوللاردا كۆرىمىز، تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەدە دۇنيا بويىچە ساناقلىق دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر