ئەردوغان زور دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «خەلقئارادا ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ۋە قالايمىقان كۆچ توغرىسىدا زور دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.
1695822
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا ئافغانىستان ۋە قالايمىقان كۆچ توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
ئۇ: «رايونىمىزدا مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دۆلىتىمىزنى كۆچنىڭ بېسىمىدىن قوغداش ۋە خەلقىمىزنىڭ خارتىرجەملىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.