تۈركىيە ھايتىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتتى

تۈركىيە 14-ئاۋغۇست (2021) 7.2 بال يەر تەۋرەپ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ھايتىغا ياردەم قولىنى سوزدى.

1695577
تۈركىيە ھايتىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ھايتىغا ياردەم قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان 270 يىشىك دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ۋە 222 دانە يېمىك-ئىچمەك يىشىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاچىلانغان «كوجا يۇسۇف» ناملىق «A400 M» تىپلىق ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى، بۈگۈن ئەتىگەن (2021-يىلى 23-ئاۋغۇست) 09:35 ئۆتكەندە، پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتىمەسگۇت ھەربىي بازىسىدىن ھايتىغا قاراپ كۆككە كۆتۈرۈلدى.

ھايتىدا 14-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 207 گە چىقتى. 12 مىڭ 268 ئادەم يارىلاندى. 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكى ۋە 344 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

خارابىلىكلەر ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھايتى پىرېزىدېنتى ئارىيېل خېنرى (Ariel Henry) ھايتىدا بىر ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر