قالىن ئافغانىستانلىقلارنى مەسخىرە قىلىپ مايكا ئىشلەپچىقىرىش سەتچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر شىركەتنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپ كەتكەن ئافغانىستانلىقلارنى مەسخىرە قىلىپ مايكا ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
1694978
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۈستىگە «كابۇل ھاۋادىن سەكرەش كۇلۇبى» دەپ يېزىلغان مايكا ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «باشقىلارنىڭ چارىسىزلىقى ۋە دەرد – ئەلەملىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ۋە بۇنىڭ سودىسىنى قىلىش زامانىۋى ۋەھشىيلىكتۇر.»
00
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.