مىنىستىر ئاقار بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار 15-نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى (IDEF'21) دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1694218
مىنىستىر ئاقار بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئاقار چادنىڭ ئارمىيە، غازىلار ۋە ئۇرۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا مەسئۇل مىنىستىرى داۋۇد يايا بىراھىم، بۇركىنا فاسو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەيمې بارتېلېمىي، ماۋرىتانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېنېنا ئولد سىدى ۋە ئېكۋاتور گىۋىنىيەسى مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىكتورىيانو بىباڭ نۇسۇ ئوكومو قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

ئاقار يەنە توگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگۇرىت گناكادە بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن،  ئاقار بىلەن گناكادە ھەربىي رامكا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

مىنىستىر ئاقار سىرىلانكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى كامال گۈناراتنى ۋە رۇمىنىيە پىرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئىئون ئوپرىشورنىمۇ قوبۇل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر