ئافغانىستاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

ئافغانىستاندىكى 200 دىن ئارتۇق كىشى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى (ئاۋىياتسىيە) شىركىتى ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

1693705
ئافغانىستاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەكشەنبە كۈنى تالىبانلار كابۇلغا كىرگەندىن كېيىن باشلانغان ئافغانىستاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئافغانىستاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرى كابۇلدىكى ھامىد كارزاي ئايرودۇرۇمىدىن تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ A400M تىپلىق ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنمەكتە.

بىخەتەرلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن كېيىن تۈنۈگۈن ھامىد كارزاي ئايرودۇرۇمىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان يولۇچىلار ئالدى بىلەن پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىستانبۇلدىن بارغان بوئېن 777-300 تىپلىق ئايروپىلانى 200 دىن ئارتۇق يولۇچى بىلەن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 1 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئىسلامئابادتىن يولغا چىقىپ، ئەتىگەن سائەت 7 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان مەزكۇر يولۇچىلار ئايرودۇرۇمدا كوۋېد-19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى.

پاسپورت رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن تۈرك يولۇچىلار بېكىتىلگەن ئورۇنلاردا، چەت ئەللىكلەر ئۆزلىرى ئورۇن زاكاز قىلغان مېھمانخانىلاردا 10 كۈن كارانتىن قىلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلغان مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئافغانىستاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى، ئەڭ يېڭى تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنى قوشقاندا ئافغانىستاندىن جەمئىي 552 ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر