پاكدەمىرلى: دالا ئوت ئاپەتلىرى پۈتۈنلەي كونتىرول ئاستىغا ئېلىندى

يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلى، تۈركىيەدە يېقىنقى 15 كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كونتىرول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1689932
پاكدەمىرلى: دالا ئوت ئاپەتلىرى پۈتۈنلەي كونتىرول ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكدەمىرلى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 28 – ئىيۇل كۈنى باشلانغان ۋە تۈركىيە تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ دالا ئوت ئاپەتلىرى يۈز بەرگەن بۇ باسقۇچتا، مۇغلانىڭ كۆيجەگىز دالا ئوت ئاپىتىنىڭمۇ ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ قەچرىمانلارچە كۈرىشى نەتىجىسىدە كونتىرول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق قىلىپ، دۆلىتىمىزدە يۈز بەرگەن بارلىق چوڭ تىپتىكى دالا ئوت ئاپەتلىرىنى پۈتۈنلەي كونتىرول ئاستىغا ئالدۇق، بۇ چوڭ ئاپەتتە بىز ئەزىز خەلقىمىز بىلەنمۇ ئورمان ئۈچۈن بىر قەلبكە ئايلاندۇق، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بىزدىن ياردەملىرىنى ئايىمىغان دۆلەتلەرگە، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىغا، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. پۈتكۈل روھىي دۇنيامىز دەرد – ئەلەمگە تولدى، جېنىمىز كۆيدى، كۆيۈپ كەتكەن ساھەلەرنى بىز يەنە بىرلىكتە يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىمىز، خاتىرجەم بولۇڭلار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر