ئالتۇن: 63 ئوت ئاپىتىنىڭ 43 ى تىزگىنلەندى

تۈركىيە مىقياسىدىكى ئىككى كۈن ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن 63 ئايرىم ئوت ئاپىتىنىڭ 43 ىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1682605
ئالتۇن: 63 ئوت ئاپىتىنىڭ 43 ى تىزگىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن «دۆلىتىمىز ئورمانلىرىمىز ئۈچۈن سەپەرۋەر بولدى» سەرلەۋھىلىك كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، ئوت ئاپەتلىرىنى تىزگىنلەشتە ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنە ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

«ئالاقىدار ئىدارە – ئورگانلار 4 مىڭ ئەتراپىدا خىزمەتچى خادىم، يۈزلەرچە ئاپتوموبىل ۋە ئۈسكۈنە بىلەن 21 ۋىلايىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپەتلىرىگە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن مۇداخىلە قىلماقتا» دېگەن ئالتۇن، تۈركىيە مىقياسىدىكى ئىككى كۈن ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن 63 ئايرىم ئوت ئاپىتىنىڭ 43 ىنىڭ تىزگىنلەنگەنلىكى ۋە ئاپەتنى تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر