ئەردوغان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەزى ۋىلايەتلەردە چىققان دالا ئوت ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ جىددىي شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1682966
ئەردوغان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بىرلا ۋاقىتتا دۆلىتىمىزنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا چىققان دالا ئوت ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر جىددىي شەكىلدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ھەر قانداق شەكىلدىكى سۈيىقەست ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللار بارمۇ، يوق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن (2021-يىلى 30ئىيۇل) دىن باشلاپ ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانلىرىمىزنىڭ سانى 6-5 گە چىقتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيەدىن ۋە ئۇكرائىنادىن كەلتۈرۈلگەن ئايروپىلانلار بار. ئەزەربەيجانمۇ بىر ئايروپىلان ئەۋەتىدۇ. 1140 نۇقتىدا دالا ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەش قىلىنىۋاتىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى 28-30-ئىيۇل كۈنلىرى ئىچىدە 71 دالا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. بۇلاردىن 57 سى كونترول قىلىندى. 14 جايدىكى ئوتنى كونترول ئاستىغا ئېلىش خىزمەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئوت ئاپەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر قانداق پۇقرانى زىيانغا ئۇچراتمايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش توغرىسىدىمۇ توختالدى ۋە ھازىرغىچە تەخمىنەن 72 مىليون دانە ۋاكسىنانىڭ ئەملەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۇنيادا ۋاكسىنا ئەملەش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالمىغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ بۇنداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بارلىق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقلىرىنى ۋە نورماللىشىش قەدىمىنى تېزلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر