تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان  ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالدى

دۇنيادا تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (İHA) ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (SİHA) نىڭ ئۇتۇقلىرى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ 2020-يىلدىكى رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە ئوينىغان ئۈنۈملۈك رولى قىززىق تېما بولماقتا.

1682688
تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان  ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېديا ئورگىنى «نىككېي» بايقار مۇداپىئە شىركىتى ئالدىنقى ھەپتە تونۇشتۇرغان ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلان سىستېمىسى «MIUS» نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇداپىئە ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى چۈشەندۈرۈلدى ۋە توقۇنۇشلاردا قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (SİHA) لارنىڭ ئوينىغان رولى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ماقالىدە يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق جۇغراپىيەلىك سىياسەت مەسلىھەتچىسى رىچارد ئوتزېن تەرىپىدىن مۇشۇ ئاي يېزىلغان بىر دوكللاتقىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلدى.

رىچارد ئوتزېن دوكلاتتا، 2020-يىلىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈچ - قۇدرىتى جەھەتتە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ قاتتىق كۈچىنى قانداق ئىشلىتەلىگەنلىكى ۋە بۇ ۋەجىدىن تۈركىيەنى چوڭ كۈچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان رىچارد ئوتزېن، «تۈركىيە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچتىنمۇ بەكرەك ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بىر كۈچ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر