ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گازغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «قارا دېڭىزدا ئاچقان (تەبىئىي گاز) قودۇقلىرىمىز تۇنجىسى ئەمەس، ئاخىرقىسىمۇ بولمايدۇ» دېدى.

1681850
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گازغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ساكاريا نېفىتلىكى گاز يېقىش مۇراسىمىغا بىۋاسىتە سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە ئىشتىراك قىلدى؛ ئۇ مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 540 مىليارد مېتىر كۇب تەبىئىي گاز بايقىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «قارا دېڭىزدا ئاچقان (تەبىئىي گاز) قودۇقلىرىمىز تۇنجىسى ئەمەس، ئاخىرقىسىمۇ بولمايدۇ» دېدى.

پات يېقىندا قارا دېڭىز تەبىئىي گازىنىڭ ئىستېمالغا ئېچىلىشى بىلەن، بۇ جەھەتتىكى سىرتقا بېقىنىپ قېلىشنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «قارا دېڭىز گازىنىڭ دەسلەپكى قىسمىنى 2023 - يىلىغا ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن، ھەم ئۈستەل بېشىدا ھەمدە نەق مەيداندا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر