تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېپىق ماراشقا قاراتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە يېپىق ماراش ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى نامىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1681433
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېپىق ماراشقا قاراتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋە باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ بۇ ھەقتىكى سوئالغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

تانجۇ بىلگىچ قىبرىس تۈرك خەلقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان، ھەقىقەتتىن ئۇزاق ھەمدە پەقەت رىم تەرەپنىڭلا قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش باياناتلارنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى ۋە ئىناۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىدى.

تانجۇ بىلگىچ ئەزالار ھەمكالىقى ۋە رەت قىلىش ئەندىشىسىنى باھانە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيەسىنىڭ ھەر قانداق مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا قىلچىلىك تۆھپە قوشالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يېپىق ماراش ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى نامىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تانجۇ بىلگىچ تۈركىيەنىڭ قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە ماراشنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىنىڭ تەكلىپلىرى ۋە قارارلىرىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى:

«ماراش تەشەببۇسى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان قاراردۇر، ياۋروپا ئىتتىپاقى 2004-يىلىدىكى ئاننان پىلانىدىن كېيىن، قىبرىس تۈرك خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى شۇنداقلا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى سۆھبەتلەشكۈچى تەرەپ قاتارىدا كۆرۈشنى ئۆگىنىشى لازىم»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر