مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تۇنىس خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمان ئەل-جەرەندىغا تۈركىيەنىڭ تۇنىس خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1681315
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ تۇنىس خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمان ئەل-جەرەندى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. سۆھبەتتە تۈركىيەنىڭ تۇنىسنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە تۇنىس خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۇنىستا، 25- ئىيۇلدا، ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە قارشى يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە بولۇپمۇ ناھدا ھەرىكىتى قاتارلىق پارتىيە مەركەزلىرىگە ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى.

بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى توڭلاتقانلىقىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چىقىلىلماسلىق ھوقۇقىنىمۇ ۋاقتىنچە ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى، ھازىرقى باش مىنىستىر ھىشام ئەل مەششىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۆزى تەيىنلەيدىغان باشقا بىر باش مىنىستىر بىلەن ئىجرائىيەنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

قەيس سەئىد يەنە، ئۆزىنى باش تەپتىش ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئەدلىيە ساھەسىگىمۇ مۇداخىلە قىلغان ئىدى.

ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئەسكەرلەر تۇنىس پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋە ناھدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى راشىد ئەل گاننۇسى بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتقا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان ئىدى.

پىرېزىدېنت قەيس سەئىدنىڭ قارارىغا قارىتا خەلقنى تىنچ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلغان گاننۇشى، ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى بولمىغان بۇ ئىشنىڭ بىر «سىياسىي ئۆزگىرىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

قەيس سەئىد بولسا، ئۆزىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ۋە چىقارغان قارارلىرىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر