ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھەيئىتى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋەكىلى نۇمان قۇرتۇلمۇش باشچىلىقىدىكى پارتىيە ھەيئىتى ئەزەربەيجاندىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا شېھىتگاھلارنى زىيارەت قىلدى.

1680246
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھەيئىتى ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقى ھەيئەت ئالدى بىلەن مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەيدار ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش قەبرىگە گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن، 20-يانۋار شېھىتلىرى دەپنە قىلىنغان باكۇ شېھىدلەر خىلۋەتگاھىنى ۋە كاۋكاز ئىسلام ئارمىيەسى شېھىتلىرىنىڭ سىمۋوللۇق قەبرىلىرى جايلاشقان باكۇ تۈرك شېھىتگاھلىقىنى زىيارەت قىلدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش شەھىدلىك ئابىدىلىرىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، باكۇ تۈرك شېھىتگاھى خاتىرە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

شېھىتگاھلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن نۇمان قۇرتۇلمۇش مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيىسى (YAP) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، (ئەرمېنيەنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا قارشى)  44 كۈن داۋاملاشقان شانلىق كۈرەشتە تۈرك خەلقىنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ تۇنجى مىنۇتتىن باشلاپلا ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش كۈرەشلىرىنى  قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ قەتئىي مەيدانى ۋە خەلقنىڭ جاسارىتى سەۋەبىدىن ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ئىشغالىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇرۇشتا شېھىت بولغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تېلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر