نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

گىرېتسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 15 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1678760
نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئەگە دېڭىزىدا چارلاش ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرى ئەسناسىدا، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 15 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىمۇ ھەمبەھىرلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر