تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى يېقىنقى 5 كۈن ئىچىدە 39 تېرورچىنى ئۇجۇقتۇردى
تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى يېقىنقى 5 كۈندە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان 39 تېرورچىنى ئۇجۇقتۇردى.
1677825
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «دۆلەت ئىچى ۋە چېگرادا تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەھرىمان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى يېقىنقى 5 كۈندە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان جەمئىي 39 تېرورچىنى ئۇجۇقتۇردى. بىزنىڭ تېرورچىلارغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلىدۇ» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.