مۇستاپا شەنتوپ بىلەن فاخرەتتىن كوجا قۇربان ھېيت تەبرىكنامىىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.

1677820
مۇستاپا شەنتوپ بىلەن فاخرەتتىن كوجا قۇربان ھېيت تەبرىكنامىىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى
fahrettin altun.jpg
fahrettin koca.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ پۈتكۈل دۇنيا بىلەن بىرگە تۈركىيەدىمۇ تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ قاراڭغۇلىقى ئىچىدە يەنە بىر ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ئاچچىق خۇشاللىقىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

«مەيلى قانداقلا ھالەتتە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ھېيتلىرىمىزنىڭ بىزنى يېڭىلاپ، ھېسسىياتىمىزنى ئىجتىمائىي خۇشاللىق پەيتىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ھېيت ئۇقۇمى بىزنىڭ بارلىق ئۈمىدسىزلىكىمىزنى تازىلاپ، بىزنى گويا يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسىغا، يېڭى بىر ئۈمىد دەرۋازىسىغا ئېلىپ كېلىدۇ. مەن قۇربان ھېيتىمىزنىڭ سىلەرگە يېقىنلىرىڭلارغا، ۋەتىنىمىزگە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە گۈللىنىش ۋەسىلىسى بولۇشىنى تېلەيمەن، ھەر بىرىڭلارغا يۈرەكتىن سالام يوللايمەن»

سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجامۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن  تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.

«گەرچە يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھېيت ئالدىنقى ئۈچ بايرامدىن پەرقلىق بولدى. ھازىر ۋاكسىنا بار. مىليونلىغان كىشى ۋاكسىنا  بىلەن ئەملەندى. تېخى ۋاكسىنا ئەملەنمىگەنلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئەملەنمەكتە» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر- ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ سىن ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر