ئەردوغان شىمالىي قىبرىستا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يېتىپ بارىدۇ.

1677293
ئەردوغان شىمالىي قىبرىستا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، 19 – 20 – ئىيۇل كۈنلىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن.

زىيارەت دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەجلىسىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلايدىكەن، ھەمدە بۇ  يەردە بىر خۇش خەۋەرنى بېرىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «20 – ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مۇراسىمغىمۇ قاتنىشىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ ئۇچرىشىشىدا، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردىن سىرت يەنە، تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن، ھەمدە «قىبرىس داۋاسى» ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

ئەردوغان، زىيارەت ئەسناسىدان يەنە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار بىلەن بىرلىكتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە قۇرۇلۇشى تاماملانغان تۈرلۈك لايىھەلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە قۇرۇلۇشىنى باشلاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر