تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى.
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1677485
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «<پەنجە – چاقماق> ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 5 تېررورچى، <ئاتاق> ناملىق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى.