شەنتوپ ياۋروپا ئەدلىيە سوتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىكلىرى نىشان قىلىنغان ياغلىق چېگىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1677303
شەنتوپ ياۋروپا ئەدلىيە سوتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ، ياغلىق چېگىدىغان ئاياللارنىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارشى چىقارغان قارارىنىڭ كۆپ جەھەتتىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق قارارلارنىڭ ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا دەپسەن قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاممىۋى تىنچلىق، ئوخشىمىغان ئېتىقاد ساھىبلىرىنىڭ بىرلىكتە ياشىشى ۋە ئېتىقادقا ئاساسلىنىدىغان ئايرىمچىلىق تەرىپى بىلەن بۇنداق قارارلارنىڭ سەلبىي نەتىجىلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ، مەلۇم بىر دىن، ياكى ھەرقانداق بىر دۇنيا قارىشىنىڭ پىرىنسىپلىرى نەزەرگە ئېلىنىپ تاماملىنالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ قارارى، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيادا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئەركىن بىر شەكىلدە مەۋجۇت بولۇشلىرىغا توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەب بولۇۋاتقان قاتتىق ئەندىشىلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيادىكى قارار چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى؛ ئابستراكت ئۇقۇملارغا تايىنىدىغان ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكلەرگە ئارىلىشىشنى ئاقلاشنىڭ ئورنىغا، بارلىق دىن ۋە ئېتىقاد مەنسۇپلىرىنىڭ ئايرىمچىلىققا دۇچ كەلمەستىن، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر