تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ باش ياغلىقنى چەكلەش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتى (ABAD) نىڭ باش ياغلىقنى چەكلەش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1676893
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتىنىڭ باش ياغلىقنى چەكلەش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتى (ABAD) نىڭ گېرمانىيەدىكى ئىككى ئايرىم كارخانا خىزمەتچىلىرىگە قاراتقان ياغلىقنى چەكلەشكە ئالاقىدار ئاخىرقى قارارىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئوچۇق-ئاشكارە دەپسەندە قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ياۋروپانى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىسلام دۈشمەنلىكى، ئىرقچىلىق ۋە نەپرەت زەھىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە سوتى (ABAD) نىڭ بۇ قارارى دىنىي ئەركىنلىكنى نەزەردىن ساقىت قىلىپلا قالماي، ئايرىمچىلىققا ئاساس ۋە قانۇنىي كاپالەت ھازىرلاپ بېرىدىغان خاراكتېرگە ئىگىدۇر. بىز ھەم قانۇنىي ھەم ۋىجدانىي نۇقتىدىن خاتا بولغان شۇنداقلا ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش نۇقتىسىدىن خەتەرلىك  بولغان بۇ قارارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر