بايكار مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىدىن ھېيتلىق مۇھىم ھەدىيە

دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى «İHA» ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى «SİHA» لارنى ئىشلەپچىقارغان بايكار  شىركىتى، «20-ئىيۇلنى ساقلاڭلار...» دېگەن خەت بىلەن بىر ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1676979
بايكار مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىدىن ھېيتلىق مۇھىم ھەدىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايكار مۇداپىئە سانائىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇردا، «ھېيتلىق سوۋغات يۈكلىنىۋاتىدۇ! 20 - ئىيۇلنى ساقلاڭلار...» دېگەن سۆزلەر ئىشتىلدى.

بايكار مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى تېخنىكا دېرىكتورى سەلچۇق بايراقتارمۇ بايكار شىركىتىنىڭ يازمىسىنى نەقىل قىلىپ، «ئەگەر ھاياتتا قايسىسى ھەممىدىن قىممەتلىك... مەنزىلگە يېتىپ بېرىشمۇ ياكى يولغا چىقىشمۇ؟ دەپ سورىسا، مەن يېڭى بىر يولغا... بىرىنچى كۈنىدىكىگە ئوخشاش ھاياجان بىلەن ئاتلىنىشنى باشلاش... دەيمەن» دېگەن سۆزلەرنى قوشۇپ ھەمبەھىرلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر