ئاقار قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1667425
ئاقار قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال مايور تائالايبېك ئومۇرالىېۋنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن قىرغىزىستانغا يېتىپ بارغان  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ پايتەخت بىشكەكتىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋاملاشماقتا.

مىنىستىر ئاقار، زىيارەتلىرى دائىرىسىدە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ تەرىپىدىن پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا، ئاقارنىڭ، دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان «تۈركىيە – قىرغىزىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى» نىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى ھەم كېلەچەككە قارىتا يول خەرىتىسى سىزىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى؛ بۇ دائىرىدە دۆلەت مۇداپىئەسى، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى، ھەمدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاقار، زىيارەتلىرى دائىرىسىدە، «سەھرادىكى دانا قەلەمكەش» دەپ ئاتالغان دۇنياغا داڭلىق قىرغىز ئەدەبىياتچى ۋە دىپلومات چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ مۇزېيىنىمۇ زىيارەت قىلدى.

زىيارەتتىن كېيىن، مۇزېينىڭ شەرەپ دەپتىرىنى ئىمزالىغان مىنىستىر ئاقار، قىرغىزىستاندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تاجىكىستانغا يۈرۈپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر