ئەردوغان: «ئىستانبۇل قانىلى» لايىھەسى 6 يىلدا تاماملىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىشانلىرىنىڭ «ئىستانبۇل قانىلى» لايىھەسىنى 6 يىل ئىچىدە تاماملاپ خىزمەتكە سۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1667461
ئەردوغان: «ئىستانبۇل قانىلى» لايىھەسى 6 يىلدا تاماملىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنى ئۇدا 19 يىلدىن بۇيان مۇھىم لايىھەلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە خەلقكە خىزمەت ئىشلەش سىياسىتىنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، ئىستانبۇلغا قازاندۇرغان 3 ئايرودۇرۇم، دۆلەتلىك تېز سۈرئەتلىك يوللار، كۆۋرۈكلەر ۋە شەھەر دوختۇرخانىلىرىنىڭ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئېكسپورت ساھەسىنى ھەر ئاي يېڭى رېكورتلار ئارقىلىق ئالغا سىلجىتقانلىقلىرىنى، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقلىرىنى، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە دۆلەتنى ماركىغا ئايلاندۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ «ئىستانبۇل قانىلى» لايىھەسىگىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ دېڭىز بوغۇزى قاتنىشى ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تەييارلىق قىلىش خىزمەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلىرىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتا زور تۆھپە قوشىدىغان بۇ لايىھەنى، شەھەرنىڭ كېلەچىكىنى قۇتقۇزىدىغان مۇھىم لايىھە دەپ قارايمىز. بىز بۇ يەردە پەقەت بىر قانال بەرپا قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە، ئىستانبۇلغا، دۆلىتىمىزگە، پورتى بىلەن ئېكسپورت ساھەمىزنى، ھاياتلىق ساھەلىرى بىلەن خەلقىمىزنى ئەركىن نەپەس ئالدۇرىدىغان يېڭى بىر نەپەسلىنىش تۇرۇبىسىنى ئېچىۋاتىمىز. نىشانىمىز بۇ لايىھەنى 6 يىل ئىچىدە تاماملاپ خىزمەتكە سۇنۇشتۇر. تۈركىيەگە ئۇدا 19 يىلدىن بۇيان قازاندۇرۇۋاتقان لايىھەلىرىمىز ۋە خىزمەتلىرىمىزنى بۇ ئالەمشۇمۇل  لايىھەمىز ئارقىلىق تاجلاندۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر