ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئالدىراش كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈردى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 25-26-27-ئىيۇن كۈنلىرى ھەر كۈنى 100 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىنى كۈتۈۋېلىپ، يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئالدىراش كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى.
1666450
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇش ئورگىنى — IGA ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: « 25-ئىيۇندىن 27-ئىيۇنغىچە بولغان ئۈچ كۈندە ھەر كۈنى 100 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىنى كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق تارقىلىشچان زۇكام پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئالدىراش كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۇق. ساغلاملىقنى ئاسراش بويىچە يولغا قويغان تەدبىرلىرىمىز سايىسىدا ساياھەت قىلىشنى پىلانلىغان بارلىق مېھمانلىرىمىزنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قارشى ئېلىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.