تۈركىيە ۋاكسىنا ئەملەشتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىككى قۇتا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 15 مىليوندىن ئاشتى.

1666834
تۈركىيە ۋاكسىنا ئەملەشتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «دۆلەتلىك <كوۋىد – 19> ۋاكسىناسى ئەملەش ئىستىراتېگىيەسى» دائىرىسىدە 18 ياشقا توشقان ھەر بىر ئادەمگە ۋاقىت بېكىتىلىپ ۋاكسىنا ئەملەنمەكتە، سودا – سارايلار، ئايرودۇرۇملار، پويىز ئىستانسىلىرى ۋە ئاپتوبۇس بېكەتلىرى قاتارلىق ئادەم كۆپ جايلاردىمۇ ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە.

كەڭ خەلق ئاممىسى سىنوۋاك ۋە بىئونتېك ۋاكسىنالىرىدىن بىرىنى تاللاپ ئەملەتكۈزمەكتە.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «covid19asi.saglik.gov.tr» تور ئادرېسىدىكى دەل ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 29 – ئىيۇن ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 15.07 ئېتىبارى بىلەن، بىرىنچى قۇتا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى 33 مىليون 927 مىڭ 394 كىشىگە، ئىككىنچى قۇتا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى بولسا، 15 مىليون 3 مىڭ 872 كىشىگە يەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن، 48 مىليون 931 مىڭ 266 قۇتا ۋاكسىنا ئەملەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر