مىنىستىر ئەرسوي ئەنگلىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋىزارىتى، مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەرەققىيات ۋىزارىتى ياۋروپا قوشنىدارچىلىق ۋە ئامېرىكا قىتئەسى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى  ۋېندى مورتون بىلەن كۆرۈشتى.

1666731
مىنىستىر ئەرسوي ئەنگلىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي بىلەن ئەنگلىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى مورتوننىڭ ئۇچرىشىشىدا، دۆلەتلەر ئارا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇچرىشىشقا، ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دومىنىك چىلكوتمۇ ئىشتىراك قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر