چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيەدە بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 20 – گ گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىتالىيەنىڭ تارىخىي ماتېرا شەھىرىدە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان 20 – گ گۇرۇھى  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىن ئەسناسىدا بەزى كەسپداشلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

1666888
چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيەدە بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 20 – گ گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىتالىيە تارىخىي ماتېرا شەھىرىدە ساھىبخانىلىق قىلغان 20 – گ گۇرۇھى  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئەسناسىدا بەزى كەسپداشلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

چاۋۇشئوغلۇ، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، 20 – گ گۇرۇھىنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە باشلامچىلىق رول ئوينىشى، ئاشقۇن رىقابەتنىڭ ئەمەس، ھەمكارلىقنىڭ ئاساس بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىندا توختالغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىجىل، كەڭ دائىرىلىك ۋە ساغلام يەر شارى خاراكتېرلىك تەرەققىيات تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز، 20 – گ گۇرۇھى، <كوۋىد – 19> يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە باشلامچىلىق رول ئوينىشى، ئاشقۇن رىقابەت ئەمەس، ھەمكارلىق ئاساس بولۇشى لازىم. ئافرىقادىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا سۈكۈت قىلالمايمىز.»

بۇ ئارىلىقتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنن تاشقى ئىشلار  ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىرى ئورتاق يىغىنى باشلاندى.

چاۋۇشئوغلۇ،  20 – گ گۇرۇھى  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئەسناسىدا، بەزى كەسپداشلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىن ئەسناسىدا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە -  ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيە ۋە لىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باشقا بىر ئۇچۇرىدا، ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى سولا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، نىگېر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاسسومى ماسسودو، ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سابرى بۇقادۇم، رىۋاندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنسېنت بىرۇتا قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر