ئەردوغان: نىشانىمىز «Türksat 5B» سۈنئىي ھەمراھىمىزنى ئالەم بوشلۇقىغا يوللاشتۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىشانلىرىنىڭ «Türksat 5B» سۈنئىي ھەمراھىنى بۇن يىلنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئالەم بوشلۇقىغا يوللاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1666191
ئەردوغان: نىشانىمىز «Türksat 5B» سۈنئىي ھەمراھىمىزنى ئالەم بوشلۇقىغا يوللاشتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدىكى تۈركساتنىڭ گۆلباشى رايونىغا جايلاشقان مۇئەسسەسەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «Türksat 5A» سۈنئىي ھەمراھىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «< TÜRKSAT 6A> سۈنئىي ھەمراھىمىزنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتۇق، سىناق باسقۇچىغا قەدەم قويغان بۇ سۈنئىي ھەمراھىمىزنى كېلەر يىلى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇش بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز. بۇ ئارقىلىق، تۈركىيە دۇنيا بويىچە خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالىغان 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. لايىھەسى ۋە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش باسقۇچلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغان < TÜRKSAT 5B > سۈنئىي ھەمراھىىزنىڭ سىناق خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. نىشانىمىز بۇ سۈنئىي ھەمراھىمىزنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە ئالەم بوشلۇقىغا يوللاشتۇر. پايدىلىق يۈك ئىقتىدارى ھازىرغىچە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئارتۇق بولىدىغان <TÜRKSAT 5B > سۈنئىي ھەمراھىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن بىزنىڭ سانلىق مەلۇمات ئالاقە ئىقتىدارىمىز 15 ھەسسە ئاشىدۇ.»

سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلىدىغان ھەم يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان، مىللىي تېخنولوگىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزەلەيدىغان، سۈنئىي ئەقىل جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك تەتقىقاتلارنىمۇ پات يېقىندا ئورتاقلىشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئاساسلىق چوڭ تەھدىتلەرنىڭ تور بوشلۇقلىرى ھەم ئالەم بوشلۇقىدىنمۇ كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، كۈچلۈك تور مۇداپىئە مىخانىزىمى شەكىللەندۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر