مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رىمدا كانادا ۋە لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك گارناۋ ۋە لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېلىئۇس لاندسبېرگىس بىلەن كۆرۈشتى.

1665794
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رىمدا كانادا ۋە لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىتالىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش خەلقئارا بىرلەشمىسى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى» تېمىلىق چەكلىك مىنىستىرلار قاتنىشىدىغان يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن رىمغا يېتىپ بارغان بولۇپ، پايتەخت رىمدا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك گارناۋ ۋە لىتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېلىئۇس لاندسبېرگىس بىلەن كۆرۈشتى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ رىمدا «تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش خەلقئارا بىرلەشمىسى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى» تېمىلىق چەكلىك مىنىستىرلار قاتناشقان يىغىندىن كېيىن، گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىتالىيەنىڭ ساھىخانلىقىدا  29 – ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى ماتېرا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان  گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغىمۇ قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر