بۈگۈن تۈركىيەدە 58 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 58 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1666333
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار ئومۇمىي سانى 49 مىڭ 634 كە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 222 مىڭ 525 ئادەمنىڭ 431 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى بەش مىڭ 283 كە يەتتى.
سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان بەش مىڭ 327 ئادەمنى قوشقاندا، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر ئومۇمىي سانى بەش مىليون 280 مىڭ 558 گە يەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.