تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ھامىد كارزاي ئايرودۇرۇمى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ
تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى ئافغانىستاندىكى خەلقئارا ھامىد كارزاي ئايرودۇرۇمىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
1665026
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن مىنىستىرلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا : «(ئافغانىستاندىكى چەت دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاننى) قەتئىي قوللاش قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشىدىن كېيىن، ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق ساھەلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. تەرەپلەر سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.