چاناققەلئەدە نۇرغۇن چەت ئەللىك كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئەنىڭ ئەزىنە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى كۆچمە رادارى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان 27 چەت ئەل پۇقراسى قۇرۇقلۇققا چىقىرىلدى.

1665153
چاناققەلئەدە نۇرغۇن چەت ئەللىك كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، رايوندىكى كۆچمە رادار ئەزىنە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر يەلكەنلىك كېمىنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىغان، بۇنىڭغا ئاساسەن، دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كېمىدىكى 27 چەت ئەللىك بىلەن ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا چەت ئەلگە چىقىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى دەلىللەنگەن ئىككى گۇماندارنى قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىققان.

مەزكۇر چەت ئەللىكلەر رەسمىيەتلەر بىجىرىلگەندىن كېيىن ئايۋاجىك ناھىيەلىك چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزى ئەمەلدارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئىگىلىنشىىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى گۇماندارنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر