تۈركىيە ئارمىيەسى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قاراتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1664827
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا 1، ھاقۇرۇق رايونىدا 2 بولۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى جەمئىي 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.