تۈركىيەدە ۋاكسىنىنىڭ بىرىنچى قۇتىسىنى ئەملەتكۈزۈپ بولغانلار سانى 30 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ۋاكسىنىنىڭ بىرىنچى قۇتىسىنى ئەملەتكۈزۈپ بولغانلار سانى 30 مىليوندىن ئاشتى.

1663750
تۈركىيەدە ۋاكسىنىنىڭ بىرىنچى قۇتىسىنى ئەملەتكۈزۈپ بولغانلار سانى 30 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «covid19asi.saglik.gov.tr» تور بېتىدىكى ھازىرىي ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 24 – ئىيۇن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 8 دىن 37 مىنۇت ئۆتكىچە بولغان جەرياندا ئەملەنگەن بىرىنچى قۇتا ۋاكسىنا سانى 30 مىليون 1936گە، ھەر ئىككى قۇتىسى ئەملىنىپ بولغان ۋاكسىنا سانى 14 مىليون 654 مىڭ 380 گە يەتكەن.

باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيەدە ھازىرغىچە جەمئىي 44 مىليون 656 مىڭ 343 قۇتا ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغان.

نۆۋەتتە دۆلەت مىقياسىدىكى 25 ياشتىن يۇقىرىقىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش پىلانى، ئەتىدىن باشلاپ 18 ياشتىن ھالقىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە ئىجرا قىلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ تۈركىيە كوللېكتىپ ئىممۇنىتېتى شەكىللەندۈرۈش نىشانىغا يېتىش يولىدىكى مۇھىم بىر باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر